Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 102:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 بىراق خۇدا ئاجىز قىلدى قىران ۋاقتىمدا، ھاياتىمنى قىسقارتتى ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 102:23
10 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ۋاقتى توشۇپ، دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ غېمىنى يېيەلمەيدۇ.


شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ، تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.


نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ شۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى، ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.» پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.


ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار يېرۇسالېمنى ‹پەرۋەردىگارنىڭ تەختى› دەپ ئاتايدۇ. بارلىق ئەللەر يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، مېنىڭ نامىمغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئەمدى جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite