Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 102:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21-22 پادىشاھلار، قوۋملار جەم بولغىنىدا، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغىنىدا. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلار سىئوندا، شەنىگە مەدھىيە ئوقۇر يېرۇسالېمدا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 102:21
11 Referans Kwoze  

جاكارلايمەن نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا، مەدھىيەلەيمەن سېنى ئېتىقادچىلىرىڭ ئارىسىدا.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


بارلىق شان-شەرەپ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.


بىز سېنىڭ ئۆز قوۋمىڭ، قوي پاداڭدۇرمىز، ساڭا مەڭگۈ ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىمىز، مەدھىيەمىزنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋام ئېتىمىز.


سەن بېرىپ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا: «ياھۋەھ، يەنى ئەجدادلىرىمىز بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا كۆرۈندى» دېگىن ۋە ئۇلارغا بۇ سۆزۈمنى يەتكۈزگىن: «مەن مىسىرلىقلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


مەن سىلەرنى ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلدىم. مەن سىلەرنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىغا ئېلىپ بارىمەن».


ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلىغايسەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى قۇدرىتىڭدە ساقلىغايسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite