18 كېلىچەك بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلەڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، كەلگۈسىدە خەلقلەر مەدھىيەلىسۇن خۇدانى.
مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ.
مەن بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئاپىرىدە قىلغان خەلقىم ئۈچۈن قىلىمەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا مەدھىيە ئوقۇيدۇ.
سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ھەر دائىم ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىمەن.
بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. شۇنداقلا، بۇ ۋەقەلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى.
چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق.
بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.
ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن دانىيال مۇقەددەس يازمىلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمنىڭ ۋەيرانچىلىقتا يەتمىش يىل تۇرۇشى ھەققىدە يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزىنى ئوقۇدۇم.
مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان خەلقنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلسۇن، چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان. مەن ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغان.»
قېرىپ ئاقارغاندا قارا چاچلىرىم، تاشلاپ كەتمە مېنى ئىلاھىم. بايان قىلاي ئەۋلادلارغا قۇدرىتىڭنى، سۆزلەپ بېرەي مەندىن كېيىن كەلگەنلەرگە، سېنىڭ كۆرسەتكەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭنى.
كۆزىتىپ چىقىڭلار سېپىللىرىنى، كۆزدىن كەچۈرۈڭلار قەلئەلىرىنى، بايان قىلىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇلارنى.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يوشۇۋاغا يەتكۈزۈپ قوي، _ دېدى.
مەدھىيەلىسۇن ئاسمان-زېمىن خۇدانى، مەدھىيەلىسۇن دېڭىز-ئوكيان، جانىۋارلار ھەم ئۇنى.