12 لېكىن تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگار، شۆھرىتىڭ ئەلمىساقتىن تائەبەدكە داۋاملىشار.
ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇلمايدۇ سېنىڭ نامىڭ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە دەۋر سۈرەر شۆھرىتىڭ.
لېكىن ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈم سۈرىسەن مەڭگۈگە، تەختىڭ داۋاملىشىدۇ دەۋردىن-دەۋرگە.
خۇدا مۇساغا يەنە: _ ئىسرائىللارغا: «مېنى ‹ياھۋەھ›، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېگىن. ياھۋەھ مېنىڭ مەڭگۈلۈك نامىمدۇر، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىمەن.
ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
پەرۋەردىگار ئولتۇرار مەڭگۈ شاھلىق تەختىدە، ھۆكۈم ئۈچۈن قۇرغاندۇر ئۇ تەختىنى ئەسلىدە.
ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ۋە قوغدىغۇچىسى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوق.
گەرچە سەن بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن، نەپرەتكە ئۇچرىغان، ھەتتا زېمىنىڭدىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان جاي بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى مەڭگۈلۈك شان-شۆھرەتكە، ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇشاللىققا ئىگە قىلىمەن.
ئەزەلدىن بار بولغان خۇدا سىلەرنىڭ باش پاناھىڭلاردۇر، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بىلىكى سىلەرنىڭ يۆلەنچۈكۈڭلاردۇر. ئۇ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ.
خۇددى بىز تۈنۈگۈن تۇغۇلغاندەكلا ھېچنېمىنى بىلمەيمىز، بۇ دۇنيادىن خۇددى سايىدەكلا ئۆتۈپ كېتىمىز.
ئۇ گۈلدەك ئېچىلىپ، توزۇپ كېتەر، خۇددى سايىدەك تېزلا غايىب بولۇپ، ئۇزاق تۇرماس.
مايسىلار ئۈنۈپ چىقار سەھەردە، سولىشىپ كېتەر ئاخشامغىچە.
ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك، چەتكە قېقىلدىم قېقىۋېتىلگەن چېكەتكىدەك.