Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 101:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 زېمىنىمدىن يوق قىلىمەن رەزىللەرنى ھەر سەھەردە، بىرمۇ يامان قالماس ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 101:8
16 Referans Kwoze  

خورىكى چوڭ ماختانچاقلارنىڭ خورىكىنى كېسىۋېتىمەن. بىراق ئادىل-ھەققانىيلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن.


ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى، پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى، ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.


پادىشاھنىڭ يامانلىق قىلىشى ئۆزى ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر، چۈنكى تەختنىڭ مەزمۇت تۇرۇشى ھەققانىيەت بىلەندۇر.


پادىشاھ تەختىدە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرار، نەزەر سېلىپ ھەممە ياماننى ياخشىدىن ئايرار.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى _ خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، كۆرگىنىمىز بولدى خۇددى ئاڭلىغىنىمىزدەكلا. خۇدا مۇستەھكەم قىلار بۇ شەھەرنى مەڭگۈگە. سېلاھ


ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! سىلەر ئادالەتنى ئۆچ كۆرىسىلەر، ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىسىلەر.


ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا قالالمايسىلەر. سىلەر مىسىرغا قايتىسىلەر ھەم ئاسسۇردا ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيسىلەر.


دانا پادىشاھ توپان سورۇغاندەك سورۇۋېتەر يامانلارنى، خامان تەپكەندەك ئايرىۋېتەر ئۇلارنى.


بۈيۈك ۋە كۆركەم سىئون تېغى، شادلىقىدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ. ھەيۋەتلىكتۇر زافون تېغىنىڭ چوققىلىرىدەك، تۇرار ئۇ شەھىرىدە ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ.


باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا، خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا.


ئۇ يەرگە ھەرقانداق ناپاك نەرسىلەر ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدىغان يالغانچى كىشىلەر كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.


لېكىن ياۋا بۇقىدەك كۈچلەندۈردۈڭ سەن مېنى، ھەم بېشىمغا سۈركىدىڭ روھلاندۇرغۇچ مېيىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite