2 خۇشاللىق بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار ئۇنىڭغا، شادلىق بىلەن مۇناجات ئوقۇپ كىرىڭلار ھۇزۇرىغا.
رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار!
سېنى كۈيلىسەم تەنتەنە قىلار لەۋلىرىم، شادلىنار، سەن ھۆر قىلغان قەلبىم.
ھۇزۇرىغا خۇدانىڭ شۈكۈر ئېيتىپ كىرەيلى، تەنتەنە بىلەن ئۇنىڭغا ناۋا قىلىپ مەدھىيەلەر ئېيتايلى.
چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ھەر جەھەتتىن بەرىكەت ئاتا قىلسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنىڭغا خۇشال ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن خىزمەت قىلمىدىڭلار.
كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە: باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە، كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە.
سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ زېمىنى يوقلۇقى ئېسىڭلاردا بولسۇن.
ئۇ كۈنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش جايىدا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار.
كەپە تىكىش ھېيتىدا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار.
ئون بەشىنچى كۈنى پادىشاھ جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پادىشاھ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى داۋۇتقا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن بارلىق شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى.
خىزكىيا روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى توپلارغا بۆلدى ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىش ئىدى.
پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار لاۋىيلارنى داۋۇت ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئاساف يازغان مۇناجاتلارنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە بۇيرۇدى. ئۇلار شادلانغان ھالدا مۇناجات ئوقۇشتى ۋە يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلىشتى.