1 ئەي پۈتكۈل جاھاندىكى ئىنسانلار، ياڭرىتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار.
ئەي بارچە ئىنسانلار، ئالقىش ياڭرىتىڭلار خۇداغا، خۇش بولۇپ مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار ناخشاڭلاردا ئۇنىڭغا.
ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈپ يېرۇسالېمغا يېقىن قالغاندا، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەممە ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئۈچۈن خۇرسەنلىك بىلەن ۋارقىراپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى:
ئەي سىئون قىزى، تەنتەنە قىل، ئەي ئىسرائىل، چۇقان سال! ئەي يېرۇسالېم قىزى، خۇشاللىققا چۆم!
ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولۇپ شادلىنىڭلار، ئەي قەلبى پاكلار، شادلىقتىن ئالقىش ياڭرىتىڭلار.
مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە: «ئەي باشقا مىللەتلەر، خۇدانىڭ تاللىغان خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» دېيىلگەن بولسا،
ئەي جاھان ئەھلى خۇداغا ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار، خىسلەتلىرىنى تەرىپلەپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار، ھاياجاندا ئۇنىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار.
ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.
ئۇلۇغلايمەن پادىشاھىم خۇدا سېنى، تەرىپلەيمەن تائەبەد نام-شەرىپىڭنى.
ئەي بارچە خەلقلەر، چېلىپ چاۋاكلار، خۇداغا ئاتاپ ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار.
پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ.
بارچە ئەلنى بىر ئۆزۈڭ يېتەكلەيسەن ئى خۇدا، ھەم ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن ئى خۇدا، شۇڭا بارلىق ئىنسانلار شادلىنىپ ئالقىش ياڭراتقاي ساڭا. سېلاھ
پۈتكۈل يەر-جاھان سەجدە قىلماقتا ساڭا، كۈيلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇماقتا نامىڭغا.» سېلاھ
ھۆكۈم سۈرمەك بولۇپ خۇدا تەختكە چىقتى چۇقان ئارا، چىقتى پەرۋەردىگار بۇرغا ساداسىدا ئۆز ئورنىغا.
ئى جاھاندىكى پادىشاھلىقلار، ئىگىمىزگە مەدھىيە ناخشا ئېيتىڭلار، رەببىمىزنى كۈيىڭلەرگە قېتىڭلار. سېلاھ