Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 10:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 چاتقاللىقتا مۆكۈپ تۇرغان شىر كەبى ئۇلار، پايلاپ تۇرار تۇتۇشقا ئاجىزلارنى، چۈشۈرۈپ قىلتاقلىرىغا، تۇتۇۋالار ئۇلارنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 10:9
28 Referans Kwoze  

ئۇلار ئوخشار بۆكتۈرمىدە تۇرغان ياش شىرلارغا، ئوۋغا ھېرىسمەن شىر كەبى ئولجىسىنى تالاشقا.


جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئۇلار پايلاپ يۈرمەكتە، نە جىنايەت، نە گۇناھلار بولسۇن مېنىڭدە. ۋەھشىيلەر بىرلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلماقتا، ھېچ يامانلىق قىلمىساممۇ ئۇلارغا. ئۇلار تەييار بولماقتا ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا، كەلگىن ماڭا ياردەم بېرىشكە، نەزەر سېلىپ مېنىڭ ئۇشبۇ ھالىمغا.


سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى. زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ.


دەيمەن چىن قەلبىمدىن: «ئى پەرۋەردىگار، تەڭ كېلەر كىممۇ ساڭا؟ ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەردىن قۇتقۇزغۇچى پەقەت سەنلا، ئېزىلگەن، موھتاجلارنى زالىملاردىن قوغدايدىغان يەنە سەنلا.»


مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ قويلارنىڭ خوجايىنى ھەم قويچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۆرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۆرە قويلارنى تۇتۇۋېلىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ.


پادىچىلارنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇنبەت يايلاقلىرى نابۇت قىلىندى. شىرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللار نابۇت قىلىندى.


يوقاتتىڭ ئۆز قورالى بىلەن دۈشمەننىڭ سەركەردىسىنى. بوراندەك ئاتلانغانىدى تارقىتىۋېتىشكە ئۇلار بىزنى، كۆرەڭلىگەن بىزنى ئاسان قولغا كېلىدىغان ئولجا دەپ.


ئوۋ تۇتالمىغان شىر چاتقاللىقتا ھۆركىرەمدۇ؟ ئوزۇق بولمىسا ئۆڭكۈردىكى ياش شىرلار ئۆزئارا خىرىس قىلىشامدۇ؟


ئاددىي كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلدى، ئوغرىلىق قىلدى، نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلدى، مۇساپىرلارنى خورلىدى ۋە ئۇلارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى.


ئېيىق كەبى پايلاپ تۇرار ئۇ مېنى بۆكتۈرمىدە، پۇرسەت كەلسە شىر كەبى ئېتىلماق بولۇپ ئۈستۈمگە.


مەككارلارنىڭ ئۇسۇللىرى رەزىلدۇر. يوقسۇللارنىڭ تەلەپلىرى توغرا بولسىمۇ، ئۇلار ھىيلە-مىكىرلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، يوقسۇللارنى يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.


يوقسۇللارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھۆكۈمدار، ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەن ئېيىققا ئوخشار.


قالار موھتاجلىقتا پەقەت، بايلىق ئۈچۈن يوقسۇلنى ئەزگۈچى، بايلارغا ھەم سوۋغات بەرگۈچى.


كەمبەغەلنى ئەزگەنلىك ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكتۇر، ھاجەتمەنگە شاپائەت قىلغانلىق ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر.


يوشۇرۇن قىلتاق قۇردى مەن ئۈچۈن تەكەببۇرلار، ۋە يىپ تورىنى يايدى ئۇلار، يول بويىغا قۇردى ھەم تۇزاقلار. سېلاھ


«مەن باراي» دەيدۇ خۇدا: «زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر، نالە قىلغاچ مىسكىنلەر، يەتكۈزەي ئۇلارنى تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.»


ئۇلارغا ماقۇل بولمىغايسىز، چۈنكى قىرىق نەچچە ئادەم ئۇنى يوشۇرۇن كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشىپتۇ. ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.


بابىللىقلار ئۇلارنى قارماق بىلەن تۇتىدۇ، تور تاشلاپ، سۈزۈۋالىدۇ، تورنى تارتقاندا، خۇشال بولۇپ، شادلىنىدۇ.


مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدىن رەزىل كىشىلەر چىقتى. ئۇلار قۇش ئوۋلىغۇچىلاردەك مۆكۈنۈپ ياتىدۇ. ئۇلار تۇزاقلارنى قۇرۇپ ئادەملەرنى تۇتىدۇ.


يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى، رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى. قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى، غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى.


چۈنكى ئۇ تۇرار موھتاجلارنىڭ ئوڭ يېنىدا، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانلاردىن قۇتقۇزۇشقا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite