8 مۆكۈپ تۇرۇپ مەھەللىلەرنىڭ پىنھانلىرىدا، گۇناھسىزلارنى قەتل قىلار تۇيۇقسىزلا، تىكىلگەندۇر كۆزلىرى پاناھسىزلارغا.
يوقاتتىڭ ئۆز قورالى بىلەن دۈشمەننىڭ سەركەردىسىنى. بوراندەك ئاتلانغانىدى تارقىتىۋېتىشكە ئۇلار بىزنى، كۆرەڭلىگەن بىزنى ئاسان قولغا كېلىدىغان ئولجا دەپ.
ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»
بۇ چاغدا پادىشاھ دوئېگقا: _ سەن بېرىپ، روھانىيلارنى ئۆلتۈر! _ دەپ بۇيرۇدى. شۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىغان 85 روھانىينى ئۆزى يالغۇز ئۆلتۈردى.
ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى شەھەر، يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقاتتى. ئون ئىككى شاگىرتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى.
قىرغىن قىلىپ تۇل خوتۇن، غېرىبلارنى، ئۆلتۈرىدۇ پاناھسىز يېتىملارنى.
پېيىمغا چۈشۈپ قورشاۋغا ئالدى مېنى، ئالماق بولۇپ ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى.
ماناسسە يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەپ گۇناھ قىلغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنى ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە قان بىلەن بويىدى.
شۇڭا سىلەر ئۇنىڭ ئادەتتە يوشۇرۇنىدىغان يەرلىرىنى ئېنىقلاپ، ماڭا ئېنىق ئۇچۇرنى بېرىڭلار. ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىرگە ئۇ يەرگە بارىمەن. ئەگەر داۋۇت ئۇ يەرلەردە بولسىلا، ئۇنى پۈتۈن يەھۇدالار ئىچىدىن تاپماي قويمايمەن.
شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلاردىن يەنە يەتمىش ئىككىنى تاللاپ، ئۆزى بارماقچى بولغان شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى.
شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەكنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تاغلارغا بۆكتۈرمە قويۇپ، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ سۇيىقەستتىن ئابىمەلەك خەۋەر تاپتى.
قاتىللار تاڭ ئاتماي ئورنىدىن تۇرۇپ، نامراتلار ۋە موھتاجلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، كەچتە يەنە ئوغرىلىق قىلىدۇ.
رەزىلدەك ھەققانىينىڭ ئۆيىنى يوشۇرۇن پايلاپ تۇرما، ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلما!