2 يامانلار تەكەببۇرلۇقتا سالماقتا زۇلۇم ئاجىزلارغا، ئاجىزلار چۈشۈپ قالماقتا ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا.
ئېغىزلىرى تولغاندۇر يامانلىققا، زەھەر تامار تىللىرىدىن ئۇلارنىڭ، يامان سۆز ۋە يالغانچىلىقلىرى، تۇمشۇقىدىن ئىلگەي تەكەببۇرلۇقىنىڭ.
دەسسىمىسۇن مېنى تەكەببۇرلار، قوغلىمىسۇن مېنى رەزىللەر.
كىم يامانلىق قىلسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا. كىم زۇلۇم سالسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا.
چۈشۈرىدۇ ياماننىڭ قىلمىشلىرى ئۆزىنى تۇزاققا. ئىلىنىدۇ ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا.
كاپالەت بەرگىن مەن قۇلۇڭنىڭ بەختىگە، يول قويما تەكەببۇرلارنىڭ مېنى ئېزىشىگە.
ھەققانىيلارغا كىبىر كۆرسىتىپ، مازاق قىلغۇچىلارنىڭ، چاپلىشىپ قالغاي يالغان سۆزلىگەن لەۋلىرى ئۇلارنىڭ.
يوشۇرۇن قىلتاق قۇردى مەن ئۈچۈن تەكەببۇرلار، ۋە يىپ تورىنى يايدى ئۇلار، يول بويىغا قۇردى ھەم تۇزاقلار. سېلاھ
تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن ئورا كولار، ئۇلار سېنىڭ تەلىمىڭگە قارشى چىقار.
تەكەببۇرلار چاپلىسىمۇ يالغاندىن بوھتان ماڭا، ئەمما چىن قەلبىمدىن بويسۇنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا.
ھوشايانىڭ ئوغلى ئازاريا، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە باشقا تەكەببۇر ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ يالغان سۆزلەۋاتىسەن! پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سېنى بىزگە «مىسىرغا بارماڭلار!» دەپ ئېيتىشقا ئەۋەتمىدى.
ئۇ يەردە سېنى كۆرگەنلەر ساڭا تىكىلىپ قارايدۇ ۋە ساڭا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، يەر يۈزىنى تەۋرەتكەن ۋە پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟
سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق دېگەنىدىڭ: «مەن ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ ئۈستىگە تەخت قۇرىمەن. مەن ھامان ئىلاھلار يىغىلىدىغان شىمالدىكى تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن.
قارارلىرىم قەتئىي بولغاي مېنىڭ، پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىشقا سېنىڭ.
مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى خارلىغاندا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىپتۇ، _ دېدى.
لېكىن سەن يەنىلا زوراۋانلىق قىلىپ، خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيۋاتىسەن.
چۈنكى ئۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمەستىن باشقىلارغا، ئۆلتۈرمەك بولدى، بەلكى سېلىپ زۇلۇم ئېزىلگەن، دىلى سۇنۇق، يوقسۇللارغا.