17 ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالىسەن ئېزىلگەنلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە، قۇۋۋەت بېرىسەن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە. كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىسەن دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە.
ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى.
پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا، جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا.
چۈنكى، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلاردىدۇر، قۇلاقلىرى ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىدۇر. لېكىن، رەببىمىزنىڭ نەپرىتى يامانلىق قىلغۇچىلاردىدۇر.»
ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.
شادلىقىم دەپ بىلسەڭ ئەگەر پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرار قەلبىڭدىكى ئارزۇلارنى.
ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، خەلقىڭنى مەڭگۈ ئۆزۈڭگە مۇشۇنداق قىزغىن ۋە سادىق قىلغايسەن!
چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى، ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى.
ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»
خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ چاغدا، خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
كۆڭۈلدىكى ئوي-پىكىرلەر ئىنساندىندۇر، ئۇنىڭ توغرا جاۋاب بېرىشى خۇدانىڭ ئىلھامىدىندۇر.
قوبۇل قىلار پەرۋەردىگار مىسكىننىڭ دۇئاسىنى، رەت قىلمايدۇ غېرىبنىڭ پەريادىنى.
پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈردى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇندى.
يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە» دەپ يېزىلغىنىدەكتۇر.
بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز.
دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەممەيلەن قەلبىمىزدىكى ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىغا بارالايمىز.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى سۆز بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاھ ئۇرۇش ئارقىلىق بىز ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
- ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر.
پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.
ياماننىڭ قورققىنى ئۇنىڭ بېشىغا چۈشەر، ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشار.
مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇپ كەتمەس بۇ دۇنيانىڭ يوقسۇللىرى، ئەمەلگە ئاشماي قالماس ئېزىلگەنلەرنىڭ ئارزۇلىرى.
خىزكىيا ۋە پۈتۈن خەلق خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىدىن شاد-خۇرام بولدى. بۇ ئىشلار ناھايىتى تېز ئەمەلگە ئاشتى.