13 نېچۈن يامانلار كۆزگە ئىلماس ئى خۇدا سېنى، نېچۈن كۆڭۈللىرىدە دەر: «جازالىمايدۇ خۇدا مېنى.»
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە: - كىمدەكىم سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا كىرسە، مېنىڭ سۆزۈمگە كىرگەن بولىدۇ. كىمدەكىم سىلەرنى رەت قىلسا، مېنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ. مېنى رەت قىلغانلار مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، - دېدى.
ئېسىڭدە تۇتقايسەن ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭنىڭ مەسخىرە قىلغانلىرىنى. ئۇنتۇمىغايسەن ئى پەرۋەردىگار، ھاماقەت خەلقنىڭ كۆزگە ئىلمىغانلىرىنى.
رەقىبلىرىڭ مەسخىرە قىلار سېنى خۇدا قاچانغىچە؟ ھاقارەتكە قالارمۇ نامىڭ سېنىڭ ئەبەدكىچە؟
پادىشاھ يوئاش زىكىرىيانىڭ ئاتىسى يىھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردى. زىكىرىيا جان ئۈزىدىغان ۋاقتىدا: «پەرۋەردىگار قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ، جازايىڭلارنى بەرسۇن» دېدى.
پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، كۆڭلۈڭلارغا تەگكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.»
ئادەم ئۆلتۈرۈپ قان تۆكسەڭلار، چوقۇم ھېساب ئالىمەن. ھەرقانداق بىر ھايۋان ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىنمۇ ھېساب ئالىمەن. ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەردىن چوقۇم ھېساب ئالىمەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.
رۇبېن ئۇلارغا: _ مەن سىلەرگە: «بۇ بالىغا تەگمەيلى» دېسەم، ئاڭلىمىغانىدىڭلار. ئەمدى ئۇنىڭ قان قىساسىنى تۆلەيدىغان بولدۇق! _ دېدى.
ھوشيار بولۇڭلار، ئاراڭلاردىكى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، مەيلى جەمەت ياكى قەبىلە بولسۇن ھېچقايسىسى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنمىسۇن! ئاراڭلاردا زەھەرلىك ۋە ئاچچىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان يىلتىز ئۆسمىسۇن!
شەھەردىن سەكراتتىكىلەرنىڭ نىدالىرى ئاڭلىنىدۇ، ياردەم تەلەپ قىلغان يارىدارلارنىڭ ئىڭراشلىرى ئۈزۈلمەيدۇ. لېكىن خۇدا رەزىللەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ.
خۇدا ئۇلارنى بىر مەزگىل خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.