12 ئۆتۈنەي ئى خۇدا، جازالىغايسەن يامانلارنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇمىغايسەن بىچارىلەرنى.
ئەي ئىسرائىل خەلقى، دۈشمىنىڭلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىسىلەر، بارلىق دۈشمىنىڭلار ۋەيران بولىدۇ!
چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى، ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەمدى ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ئەمدى مەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن. ئەمدى مەن ئۇلۇغلىنىمەن.
ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.
ئى جاھان سوراقچىسى، چىقىپ ئوتتۇرىغا، لايىقىدا جازا بەرگىن تەكەببۇرلارغا.
ماڭا بەخش ئەتكىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئى ئۆزۈڭگە تايانغانلارنىڭ نىجاتكارى، ھۇجۇمغا قالغانلارنىڭ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىسى.
خۇدا شەپقەت قىلىشنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ رەھىمدىللىك ئورنىنى ياكى غەزەپ ئالدىمۇ؟ سېلاھ
ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتارسەنمۇ مەڭگۈ مېنى؟ يوشۇرارسەن قاچانغىچە مەندىن يۈزۈڭنى؟
ئى پەرۋەردىگار، ياردەم قىل، غالىب كەلمىسۇن رەزىللەر، ئالدىڭدا سوراق قىلىنسۇن يات ئەللەر.
ئى پەرۋەردىگار، غەزەپلەنگىن، سۈكۈت قىلما، قارشى چىققىن قەھرلىك دۈشمەنلىرىمگە ئى خۇدا، مەن ئۈچۈن ئويغانغىن، ئۇلارنى تارتقىن سوتقا، سەن بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئادا قىلغىن ئۇلارغا.
ئى پەرۋەردىگار، ياردەمگە كەلگىن، ئى ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن. تەستىكىگە سالىسەن رەقىبلىرىمنىڭ، چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن رەزىللەرنىڭ.
شىمشون پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئەي خۇدا، ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەيسەن، مەن ئويۇۋېلىنغان كۆزلىرىم ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي.
ئى پەرۋەردىگار، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ ماڭا، قۇتقۇز مېنى ئۆلۈمنىڭ گىردابىدىن. قارىغىن، ئۆچمەنلەرنىڭ ماڭا سالغان ئازابىغا.
ئۆتۈنەي خۇدا، ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنىڭ، قىلىچىڭ بىلەن تىز پۈكتۈرۈپ ئۇلارنى، قۇتقۇزغىن رەزىللەردىن جېنىمنى.
تۇتۇپ بەرمىگىن ۋەھشىي دۈشمەنگە پاناھسىز بەندىلىرىڭنى، مەڭگۈ ئۇنتۇمىغىن ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى.