Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى، يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 1:6
17 Referans Kwoze  

بىراق، خۇدا قۇرغان ئۇل ئۇل - ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەزمۇت تۇرماقتا. ئۇنىڭدا مۇنۇ سۆزلەر مۆھۈرلىنىپ يېزىلغان: ╟رەببىمىز ئۆزىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى تونۇيدۇ╚، ╟ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەيدىغان كىشىلەر يامانلىقلاردىن قول ئۈزسۇن.╚


ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتام مېنى ۋە مەن ئاتامنى - بىز بىر-بىرىمىزنى تونۇغىنىمىزدەك، مەن ئۆز قويلىرىمنى تونۇيمەن، ئۇلارمۇ مېنى تونۇيدۇ. قويلىرىم ئۈچۈن جېنىم پىدا.


پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر ياماننىڭ يولى، ياخشى كۆرەر ئۇ ھەققانىيلىقنى ئىزدىگۈچىنى.


پەرۋەردىگار ياخشىدۇر، ئۇ كۈلپەتلىك كۈنلەردە ئادەملەرگە قورغاندۇر، ئۇ ئۆزىدىن پاناھلىق ئىزدىگەنلەرنى قوغدايدۇ.


قوغدار پەرۋەردىگار مۇساپىرلارنى، قوللار تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى. لېكىن توسار پاسىقلارنىڭ يولىنى.


مېنىڭ قويلىرىم گېپىمنى ئاڭلايدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.


بەزى يوللار توغرىدەك كۆرۈنەر كىشىگە، لېكىن ئاخىرى ئېلىپ بارار ئۆلۈمگە.


- تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى، كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ، يول ئاسان بولۇپ، بۇ دەرۋازىدىن كىرىدىغانلار كۆپ.


لېكىن ئۇ مېنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمنى بىلىدۇ. ئۇ مېنى سىنىسا، مەن ئالتۇنغا ئوخشاش چىقىمەن.


رەقىبلىرىم يوللىرىمغا قىلتاق قۇرغان بولسىمۇ، روھىم مېنىڭ بۇرۇقتۇم بولۇپ تۈگىشەي دېسىمۇ، ئۆزۈڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىسەن شۇنداقتىمۇ.


لېكىن، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە خالىغانچە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ھايۋاناتلاردەك ئەقىلسىز كېلىدۇ ھەمدە بۇ ياۋايى ھايۋاناتلارغا ئوخشاش ھالاك قىلىنىدۇ.


بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ رەزىللەر، ئاچچىقىدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەر، زەئىپلىشىپ ئۈمىدلىرى ئۈزۈلەر.


دۈشمەنلەر ۋەيران بولدى ئەبەدكە، ئايلىنىپ شەھەرلىرى خارابىلىككە. قالمىدى ئۇ جايلارنىڭ ناملىرى تارىخ بېتىدە.


ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار، نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن، يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار.


پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا، ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا، پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite