3 ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا، ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار. سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى، ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.
ئۇلار خۇددى دەريا بويلىرىغا تىكىلىپ، يىلتىزلىرى سۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ دەرەخلەر ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دائىم بۈك-باراقسان تۇرىدۇ. ئۇلار قۇرغاقچىلىقتىن ئەنسىرىمەيدۇ، مېۋە بېرىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ.
دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەر تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆسىدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ قالمايدۇ. بۇ سۇ ئىبادەتخانىدىن ئېقىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، مېۋىلىك دەرەخلەر ھەر ئايدا يېڭى مېۋە بېرىدۇ، مېۋىلىرى ئۆكسۈپ قالمايدۇ. مېۋىلىرى ئوزۇق، يوپۇرماقلىرى شىپا بولىدۇ.
قېرىسىمۇ ئۇلار يەنە بېرىدۇ مېۋە، بۈك-باراقسان كۆكىرىپ تۇرار ھەمىشە.
مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
ئاناڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈم تېلىغا ئوخشار، ئۈزۈم تېلى تىكىلگەچ سۇ بويىغا، مېۋىسى مول، ياپراق، شاخلىرى قويۇق ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىدى مول سۇ بويىدا.
يۈسۈپ مەسئۇل بولغان ئىشلارغا زىندان بېشى باش قاتۇرمايدىغان بولدى. چۈنكى پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولغاچقا، ئۇ باشقۇرغان ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولاتتى.
شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، يەنى ھەر ئايدا مېۋە بېرىدىغان ھاياتلىق دەرىخى بولۇپ، دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى پۈتكۈل خەلقلەرگە شىپا ئىدى.
ئەسلى بۇ كۆچەت بۈك-باراقسان ئۆسۈپ، مول مېۋە بېرىپ، كۆركەم ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن مۇنبەت يەرگە، يەنى مول سۇ بويىغا تىكىلگەنىكەن.»
لېكىن چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ.
ئۇ مەيلى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا بولسۇن، مەيلى قانۇن ياكى ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا بولسۇن، ھەممە ئىشتا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، ئىشلارنى چىن قەلبى بىلەن بېجىردى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى.
پوتىفار پەرۋەردىگارنىڭ يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلغانلىقىنى بايقىدى.
بەرھەق، مېھنىتىڭلارنىڭ مېۋىسىنى يەيسىلەر، روناق تېپىپ، بەختىيار بولىسىلەر.
ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.
ئۇلار سۇغا قېنىپ ئۆسكەن ئوت-چۆپلەردەك، دەريا بويىدىكى تېرەكلەردەك ياشىرىپ تۇرىدۇ.
لېكىن ئۇنى ئازراق سۇغۇرۇپ قويسىلا، يېڭى تىككەن كۆچەتتەك بىخ سۈرۈپ كۆكلەيدۇ.
ئۈزۈم ئۈزۈش ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئەكېلىش ئۈچۈن، قۇللىرىنى ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ.
ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. دەرەختە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، دەرەخكە قاراپ: - بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ مېۋە بەرمىگەيسەن! - دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى.
دوستانە زىياپەتلىرىڭلاردا تارتىنماي، سىلەر بىلەن رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان بۇ كىشىلەر سىلەرگە داغ كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز نەپسىنىلا ئويلاپ، شامال ھەيدىگەن يامغۇرسىز بۇلۇتلاردەك بولۇپ، پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان كەچ كۈزنىڭ مېۋىسىز دەرەخلىرىگە ئوخشايدۇ.
شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - بۇ ۋەھشىي ئادەملەرنى قورقۇنچلۇق شەكىلدە يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا ئىجارىسىنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغان كىشىلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىشتى.
ئوغلۇم، پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن. پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشىڭغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە سېنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرسۇن.
يولدىن ئۆتكەنلەر دېمەس بۇ قۇتلۇق تىلەكنى ئۇلارغا: «ئىگىمىز بەرىكەت بەرسۇن ئىشىڭلارغا، سىلەرگە بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا.»
يات خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ئاتا قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغىمۇ قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىزكىيا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.
ئۇلار خۇددى بىپايان خورمىزارلىقلار، ساھىلدىكى باغلاردەك، خۇددى پەرۋەردىگار تېرىغان مۇئەتتەر دەرەخلىرىدەك، سۇ بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىدەكتۇر.
پەرۋەردىگار بارلىق ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئامبارلىرىڭلارنى ئاشلىققا تولدۇرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى.
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلساڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ھەرگىز قورقما ھەم بوشىشىپ قالما.
قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنىڭ ھەممىسى غەلىبىلىك بولىدۇ، يوللىرىڭنى نۇر يورۇتىدۇ.
شۇڭا ئۇلار دەيدۇكى: «پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، ئادالەتلىك ئۇ دائىم، قورام تاشتەك پاناھىمىز خۇدادۇر.»
ھەر دائىم مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول كۆرسىتىمەن، قاقاس يەرلەردىمۇ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىمەن ھەم ئۇستىخىنىڭلارنى مەزمۇت قىلىمەن. سىلەر خۇددى سۇغۇرۇلغان بىر باغ، ھەم سۈيى تۈگىمەس بىر بۇلاقتەك بولىسىلەر.
شۇڭا ئۇ دالادىكى بارلىق دەرەخلەردىن ئېگىز ئۆسكەنىدى. ئۇنىڭ شاخلىرى توم ھەم ئۇزۇن ئىدى، چۈنكى سۇ مەنبەسى مول ئىدى.