Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار، كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 1:2
24 Referans Kwoze  

قانۇنلىرىم ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز قانۇنلىرىم ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.


شادلانمىغان بولسام ئەگەر تەلىملىرىڭدىن، ھالاك بولار ئىدىم ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن.


نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى، ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى.


خۇدانىڭ قانۇنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن.


ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، سەن ماڭا گەپ قىلساڭ، مەن گېپىڭنى يېدىم، قەلبىم خۇشاللىق ۋە بەختگە تولدى. چۈنكى مەن ساڭا مەنسۇپمەن،


ئەمرلىرىڭگە بويسۇنىدىغان قىلغىن مېنى، چۈنكى سۆيىمەن سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشنى.


پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشتىن سۆيۈنىدىغانلار.


ئويلىرىمدىن خۇدا رازى بولغاي، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن بولدۇم خۇشال،


ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»


نەقەدەر بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭىدىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى بويىچە ياشايدىغانلار.


خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس.


ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىل. ئۆزۈڭنى ئۇلارغا شۇنداق ئاتىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن.


ئېيتقان تەلىملىرىڭنى بىلىمەن ئەلا، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھەتتا.


كېيىن تۇل قالغانىدى. ئۇ سەكسەن تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، روزا تۇتۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى.


مەن خۇددى ئەجدادلىرىمغا ئوخشاش، خۇداغا پاك ۋىجدانىم بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مەن سەن ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، دۇئالىرىمدا سېنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن.


قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا باردۇر. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟


ئى پەرۋەردىگار، نىجاتكارىم خۇدا، كېچە-كۈندۈز مەن ساڭا قىلدىم نىدا.


بىر كۈنى كۈنپېتىش ۋاقتىدا ئۇ دالادا خۇدانى چوڭقۇر سېغىنىپ ئولتۇراتتى. يىراقتىن تۆگە كارۋىنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.


ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئۆگىنىشكە، ئىجرا قىلىشقا ۋە بۇ قانۇننىڭ قائىدە ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىشكە ئۆزىنى بېغىشلىغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite