Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 9:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەيىبلىمە مازاق قىلغۇچىلارنى، بولمىسا ساڭا ئۆچ بولۇپ قالار، گەر ئەيىبلىسەڭ دانالارنى، سۆيەر سېنى ئۇلار.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 9:8
23 Referans Kwoze  

مېنى ئۇرسا ھەققانىي، ئۇ بەرگەندەك بولار ماڭا مېھرىنى، تەنبىھلىرى بىلىنەر بېشىمغا ئېسىل ماينى قۇيغاندەك، تەنبىھىنى رەت قىلىپ چايقىمايمەن بېشىمنى، بولساممۇ گەر كۈلپەتتە توختاتماسمەن يەنىلا دۇئايىمنى.


تەربىيىنى رەت قىلغۇچى نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار، تەنبىھنى قوبۇل قىلغۇچى ئىززەتكە ئىگە بولار.


ئەخمەققە سۆزلەپ ئاۋارە قىلما ئۆزۈڭنى، چۈنكى كۆزگە ئىلماس ئۇ ئاقىلانە سۆزلىرىڭنى.


مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھنى ياقتۇرماس، دانالارنىڭ ئالدىغا ئۇ بارماس.


- ئىتقا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ياكى توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاشلاپ قويماڭلار. چۈنكى، ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ؛ توڭگۇز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ يانجىيدۇ.


كىمكى قايتا-قايتا ئەيىبلەنگەندىمۇ بوينى قاتتىقلىق قىلسا، تۇيۇقسىز بىتچىت بولۇپ، قالار قۇتقۇزۇلغۇسىز ھالغا.


باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا تەنبىھ بەرگۈچى خۇشامەتچىگە قارىغاندا، كۆپ ھىممەت تاپار ئاخىرىدا.


قېرىندىشىڭلارغا ئاداۋەت ساقلىماڭلار، ئەيىبىنى يۈزىگە دەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولۇپ قالمايسىلەر.


ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.


پادىشاھنىڭ مۇلازىملىرى داۋۇتقا ناتان پەيغەمبەرنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ناتان پەيغەمبەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى


_ بۇ يەردە پەرۋەردىگاردىن سوئال سورىيالايدىغان بىرى بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ. چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ قىلمايدۇ، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر. _ پادىشاھ تۇرۇپ بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.


پادىشاھ داۋۇت: _ روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى چاقىرىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى.


قەلبىدە دانالىق بولغان نەسىھەتنى قوبۇل قىلار، ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن بالاغا قالار.


دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار، مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھتىن ئۆزىنى تارتار.


مازاقچىنى ئۇر، ساددا ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالار، ئەقىللىققا تۈزىتىش تەربىيىسى بەر، ئۇ ئۆگىنىۋالار.


خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى.


ئاڭلاپ بۇلارنى دانالار تېخىمۇ دانا بولسۇن، زېرەكلەر ئاقىلانە مەسلىھەتكە ئېرىشسۇن.


بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite