Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 9:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 كىمكى تەنبىھلىسە مازاق قىلغۇچىلارنى، ئۇچرار ئاھانەتكە، ئەيىبلىسە رەزىللەرنى، قالار ھاقارەتكە.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 9:7
13 Referans Kwoze  

مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھنى ياقتۇرماس، دانالارنىڭ ئالدىغا ئۇ بارماس.


ئەخمەققە سۆزلەپ ئاۋارە قىلما ئۆزۈڭنى، چۈنكى كۆزگە ئىلماس ئۇ ئاقىلانە سۆزلىرىڭنى.


لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلدى، سۆزلىرىنى زاڭلىق قىلدى، پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلدى. ئاخىرى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى شۇ قەدەر قوزغىدىكى، ئۇلارغا قۇتۇلغۇدەك يول قالمىدى.


ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قاچان مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلدى؟ _ دەپ سورىدى.


ئىلياس يېتىپ بارغاندا، ئاخاب ئۇنىڭغا: _ ئەي دۈشمىنىم، مېنى تېپىۋالدىڭمۇ؟ _ دېدى. ئىلياس جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ شۇنداق، سېنى تېپىۋالدىم، چۈنكى سەن يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدىڭ.


ئاخاب ئىلياسقا: _ ئىسرائىلىيەگە بالا كەلتۈرگەن ئادەم سەنمۇ؟ _ دېدى.


قارا، خۇدا تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! شۇڭا سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ تەربىيەسىگە سەل قارىما.


دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار، مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھتىن ئۆزىنى تارتار.


خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite