5 ئەي گول ئادەملەر، ئۆگىنىڭلار زېرەكلىكنى، ئەي نادانلار، ئۆگىنىڭلار ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشنى.
_ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟ ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟ ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟
سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.
چېچەن قىلار گول ئادەملەرنى، بىلىملىك ۋە پەم-پاراسەتلىك قىلار ياشلارنى.
مۇكەممەلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى، يېڭىلار ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى، ئىشەنچلىكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ پەرزلىرى، دانا قىلار نادانلارنى.
خۇدا، بۇ دۇنيادا مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەھمىيەتسىز، قەدىرسىز دەپ قارالغان ۋە كۆزگە ئىلىنمايدىغان ئىشلارنى تاللىدى.
پەرۋەردىگار خۇددى باتۇر جەڭچىدەك، ھاياجان بىلەن جەڭ شوئارى توۋلاپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.
«ئەي ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار!» دەپ چاقىرغۇزدى، ئەقىلسىزلەرگە ئۇ مۇنداق ئېيتتى:
ئەي ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى، ئويلاپ بېقىڭلار! ئەي ئەخمەقلەر، قاچان بولار ئەقلىڭلار؟
بەرھەق، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ نادانلار مېنى رەت قىلغانلىقتىن، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ ھاماقەتلەر بىغەملىكىدىن.
دانالار شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولار، نادانلار بولسا شەرمەندىلىكتە قالار.
ئەي ئىنسانلار، سىلەرنى چاقىرىۋاتىمەن، ئادەم بالىلىرىغا خىتاب قىلىۋاتىمەن.
مەن دانالىقمەن، ئەقىل-ئىدراك بىلەن بىللە ياشايمەن. بىلىم ۋە پەم-پاراسەتنىڭ ئىگىسىمەن.