5 شۇندا ساقلار ئۇلار سېنى زىناخور ئايالدىن، تىلى شېرىن، بۇزۇق خوتۇندىن.
دانالىق ساقلار سېنى زىناخور ئايالدىن، شېرىن-شېكەر سۆزلۈك، بۇزۇق خوتۇندىن.
ئۇلار ساقلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن، زىناخور خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن.
ھەسەل تامار بۇزۇق خوتۇننىڭ لەۋلىرىدىن، سىلىقتۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى زەيتۇن يېغىدىن.
ئوغلۇم، نېمىشقا شەيدا بولىسەن بۇزۇق خوتۇنغا؟ نېمىشقا ئاتىسەن ئۆزۈڭنى زىناخور خوتۇننىڭ قوينىغا؟
ئاچا-سىڭىل دەپ تونۇغىن دانالىقنى، ئۇرۇق-تۇغقان دەپ ئاتىغىن پاراسەتنى.
ئۆيۈمنىڭ دېرىزە پەنجىرىسىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا بىر قېتىم،
چوڭقۇر ئورىدۇر بۇزۇق ئايالنىڭ ئاغزى، ئۇنىڭغا چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن كىشى.
بەند قىلدى ئايال ئۇنى ئۆزىگە شېرىن سۆزلىرى بىلەن، ئېزىقتۇردى ئۇنى ياغلىما گەپ بىلەن.