Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 7:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل سۆزلىرىمگە، بۇيرۇقلىرىمنى قەدىرلە.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 7:1
16 Referans Kwoze  

ئەي ئوغلۇم، تەربىيىسىگە قۇلاق سال ئاتاڭنىڭ، تەلىمىگە بىپەرۋالىق قىلما ئاناڭنىڭ.


بۇ ۋەھىيلەرنى ئوقۇپ بەرگەن ۋە ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر.


- خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


لېكىن، ئۇ ماڭا: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەن ساڭا، پەيغەمبەر بولغان سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭغا ھەم بۇ كىتابتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلارغا ئوخشاش خۇدانىڭ خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز.


مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.» ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلار سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلغانلار سىلەرنىڭكىگىمۇ ئەمەل قىلىدۇ.


ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.


ئۇنىڭ تەلىملىرىنى قوبۇل قىلغىن، سۆزلىرىنى قەلبىڭدە ساقلىغىن.


مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.


ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئەكسىچە يولدىن چەتنەپ، ئەزەلدىن نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان بولساڭلار، قارغىشقا ئۇچرايسىلەر.


دانالار بىلىمىنى ئىچىدە ساقلار، ئەخمەقنىڭ تىلى ھالاكەت چاقىرار.


ئۇلارنى كۆز ئالدىڭدىن يوقاتما، قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلا.


ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل بۇيرۇقىغا ئاتاڭنىڭ، چىقما تەلىمىدىن ئاناڭنىڭ.


ھەرقانداق تۆلەمگە ئۇ قاراپمۇ قويماس، بەرسەڭمۇ قانچىلىك سوۋغات، ئۇ رازى بولماس.


ئۆلۈمگە باشلار ئۇنىڭ تۇتقان يولى. ئۆلۈكلەر ماكانىغا ئېلىپ بارار باسقان قەدەملىرى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite