6 ئەي ھۇرۇن، ئال چۈمۈلىلەردىن ئۈلگە، ئەقىل تاپ قاراپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە.
ھۇرۇن دېھقان ئۆز پەسلىدە يەر ھەيدىمەس، يىغىم پەيتى ھېچبىر ھوسۇل ئالالماس.
كىمكى ھۇرۇن بولسا ئۆز ئىشىدا، قېرىنداش بولۇر بۇزغۇنچىغا.
ئەي ھۇرۇن، سەن قاچانغىچە ئۇخلايسەن؟ قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟
شۇنداق بولغاندا، قاشاڭلاردىن بولماي، بەلكى ئۆز ئېتىقادى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولىسىلەر.
ئېرىشەلمەس ھۇرۇنلار كۆڭلى خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە، ئېرىشەر تىرىشچانلار بارلىق ئارزۇسىغا.
خوجايىن ئۇنىڭغا: «ئەي، يامان ۋە ھۇرۇن چاكار! سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ئورۇۋالىدىغان، ئۇرۇق سالمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم، دەپ تۇرۇپ،
چۈمۈلە؛ گەرچە ئاجىز بولسىمۇ، بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلەر.
قىزغىنلىقىڭلار سوۋۇپ كەتمىسۇن. ئەكسىچە، ئوتتەك قىزغىن قەلبىڭلار بىلەن رەببىمىزگە خىزمەت قىلىڭلار.
ھالاك قىلار ئۆزىنى ھۇرۇننىڭ تەمەسى، چۈنكى ئىشقا بارماس ئۇنىڭ قولى.
ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق قىلار، بىكار تەلەپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتار.
ھۇرۇن شۇنداق دەر:«شىر بار تالادا، يەم بولىمەن چىقسام كوچىغا».
سىركە چىشنى، تۈتۈن كۆزنى ئېچىشتۇرار، ھۇرۇن ئۆزىنى ئىشقا سالغۇچىنى ئاۋارە قىلار.
سوزار ھۇرۇن قاچىغا قولىنى، لېكىن ئېرىنەر ئاغزىغا سېلىشقىمۇ غىزانى.
كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟
ھۇرۇننىڭ يولى گويا تىكەنلىك چاتقاللىقتۇر، دۇرۇسنىڭ يولى بولسا داغدام يولدۇر.
قۇش تۇيۇپ قالغاندا تور يېيىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر،
ئۆكۈز ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەك ئوقۇرىنى بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىللار مېنى تونۇمايدۇ، خەلقىم مېنىڭ ئۆزلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ!»
ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سال، بول دانا، قەلبىڭنى توغرا يولغا بېغىشلا.
دۇنيادا كىچىك تەنلىك، تۆت خىل جانىۋار بار، بەكمۇ ئەقىللىق، ئۇلاركى:
ھەتتا لەيلەك قۇشلىرىمۇ قاچان كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، پاختەكلەر، قارلىغاچلار ۋە تۇرنىلارنىڭ ھەممىسى كۆچىدىغان ۋاقتىنىڭ قاچانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق مېنىڭ خەلقىم مېنىڭ قائىدە-نىزاملىرىمنى بىلمەيدۇ.
نامرات بولار قول قوشتۇرۇپ ئولتۇرغانلار، بايلىق كەلتۈرەر ئۆز قولى بىلەن ئىشچانلار.