2 تۇتۇلۇپ ئاغزىڭدىن چىققان سۆزۈڭ بىلەن، باغلىنىپ قالغان بولىسەن ئۆز ۋەدەڭ بىلەن،
ھاماقەتنىڭ ئاغزى ئۆزىگە بالادۇر. ئۇنىڭ تىلى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر.
يامان كىشى ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار، ھەققانىي ئادەم مۈشكۈللۈكتىن قۇتۇلار.
ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. بۇتلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە كۆز قىزارتماڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلىۋالماڭلار. چۈنكى بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر سىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇلاردىن يىرگىنىدۇ.
ئەي ئوغلۇم، كېپىل بولغان بولساڭ دوستۇڭغا، ياكى قول بەرگەن بولساڭ كاپالەت ئۈچۈن بىراۋغا،
قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇنىڭدىن، بۇنداق قىل، ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا دەرھال بارغىن، ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈپ سورا تۆۋەنچىلىك بىلەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئىلكىدىسەن بەرگەن ۋەدەڭ بىلەن.