4 لېكىن ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت ئاچچىقتۇر كەكرىدەك، ئازاب-ئوقۇبەتلىكتۇر خەنجەر بىلەن تىلغاندەك.
مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان ئايال ئۆلۈمدىن قورقۇنچلۇق ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشىق-مۇھەببىتى قىلتاق ۋە تۇزاق، قوللىرى بولسا زەنجىردۇر. خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلار ئۇنداق ئايالدىن يىراق تۇرىدۇ، پەقەت گۇناھكار ئادەملەرلا ئاشۇنداق ئايالنىڭ تۇزىقىغا چۈشىدۇ.
مەن ياتارمەن ئارىسىدا شىرلارنىڭ، ئادەم گۆشى يەيدىغان ئاچ كۆزلەرنىڭ. تىللىرى خۇددى ئۆتكۈر قىلىچ بولسا، نەيزە ۋە ئوقلار كەبى چىشلىرى ئۇلارنىڭ.
سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى.
خۇدانىڭ سۆزى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك سۆزدۇر. ئۇ ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىنمۇ ئىتتىك بولۇپ، جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك ئۆتكۈرلۈك بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئارزۇ-ھەۋەس ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى پاش قىلىدۇ.
بىراق، بىلمەس ئاڭلىغۇچىلار ئۇ يەرنىڭ ئەرۋاھلار ماكانى ئىكەنلىكىنى، ئۆيىگە چاقىرىلغانلارنىڭ گۆرگە كىرىپ بولغانلىقىنى.