16 تاشسۇنمۇ بۇلاقلىرىڭ تاشقىرىغا، ئۆستەڭلىرىڭ كوچىلارغا؟
ئايالىڭلار ئوخشار مول مېۋە بەرگەن ئۈزۈم تېلىغا، زەيتۇن شېخىدەك كۆپ بولار بالىلىرىڭلار يېنىڭلاردا، داستىخىنىڭلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرار ئۇلار ئەتراپىڭلاردا.
پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر، ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر.
پەرۋەردىگار خەلقىمنى قۇملۇقلاردىن ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇلار ئۇسسۇلۇقتىن قىينالمىدى. چۈنكى خۇدا تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى، خۇدا تاشنى يارغانىدى، ئۇ يەردىن بۇلاق سۇلىرى ئېتىلىپ چىقتى.
جامائەتلەر ئارا ئالقىش-سادا ياڭرىتىڭلار خۇداغا، ئەي ئىسرائىللار، مەدھىيە ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.
ئۇنىڭ 30 ئوغلى، 30 قىزى بار ئىدى. قىزلىرىنى باشقا جەمەتلەرگە ياتلىق قىلدى. ئوغۇللىرىغا باشقا جەمەتلەردىن قىز ئېلىپ بەردى. ئىبزان ئىسرائىللارغا يەتتە يىل سەردار بولدى.
ئىسرائىللار بىخەتەر بولىدۇ، ياقۇپ ئەۋلادلىرى خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. زېمىنى ئاشلىق ۋە شارابقا مول بولىدۇ، ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم ئۇنى سۇغىرىدۇ.
ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي رىبەقا، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەنلەرنىڭ بولغايسەن ئانىسى، ئەۋلادلىرىڭ ئىگىلىگەي دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى!»
ئىچكىن ئۆز كۆلچىكىڭنىڭ سۇيىدىن، ئۆز قۇدۇقۇڭدىكى سۈزۈك سۇدىن.
ئۇلار مەنسۇپ بولسۇن ساڭىلا، ئۇلارنى ئۆزگىلەر بىلەن ئورتاقلاشما.
قۇدۇقۇڭ بەرىكەتلىك بولسۇن، ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭدىن ھۇزۇر ئالغىن.
«ئوغرىلاپ ئىچكەن سۇ تاتلىقتۇر، يوشۇرۇپ يېگەن نان تەملىكتۇر».
پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن قېرىندىشىم، ئېتىك قۇدۇق، يېپىقلىق بۇلاقتۇرسەن مېنىڭ جېنىم.
باغدىكى بۇلاقتۇرسەن سۇلىرى ساپ، ئاقىسەن لىۋان تاغلىرىدىن شارقىراپ.