9 دانالىق تاقار كۆركەم تاج بېشىڭغا، ئىنئام قىلار شەرەپ تاجىنىمۇ ساڭا.
ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيىسى بېشىڭغا تاقالغان تاجدۇر، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئالتۇن زەنجىردۇر.
شۇنداق قىلساڭلار، باش قويچى ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، مەڭگۈ چېچەكلەپ تۇرىدىغان شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر.
بۇ چاغدا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قايتىپ كەلگەن ئاز بىر قىسىم خەلقىنىڭ شەرەپلىك، گۈزەل، تاج-تەختى بولىدۇ.
ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ ھۆرمەت تاجىدۇر.
مەن غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ غەلىبە قىلغۇچىلارغا تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.
بەلكى قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەس گۈزەللىك، يەنى مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكىڭلاردىن ئىبارەت بولسۇن چۈنكى، بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.
ئۇلار ھايات بەخش ئېتەر جېنىڭغا، بېزەك بولۇپ ئېسىلار بوينۇڭغا.
سۆزلىرىمنى ئاڭلا، قوبۇل قىل، ئەي ئوغلۇم، شۇندا ئۇزۇن بولار ئۆمرۈڭ.
ساڭا يەنە سەن مەندىن تىلىمىگەن بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنىمۇ بېرىمەن. ئۆمرۈڭدە ساڭا تەڭ كېلىدىغان ھېچقانداق پادىشاھ بولمايدۇ.
گول ئادەملەرگە ئەخمەقلىق مىراس قالار، زېرەكلەرگە بىلىم تاج بولۇپ تاقىلار.