Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئەقىل تاپ، ئېرىش دانالىققا، ئۇنتۇما ئېيتقانلرىمنى، سۆزۈمدىن چىقما.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 4:5
17 Referans Kwoze  

ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.


يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.


دانالىققا ئېرىشىش ئۆزىنى سۆيگەنلىكتۇر، ئەقىل-ئىدراكلىق بولۇش بەخت تاپقانلىقتۇر.


پۇلنىڭ نېمە پايدىسى ئەخمەقنىڭ قولىدىكى؟ سېتىۋالالامتى دانالىقنى؟ پەقەت يوق ئۇنىڭغا ئېرىشىش نىيىتى.


ئەي گول ئادەملەر، ئۆگىنىڭلار زېرەكلىكنى، ئەي نادانلار، ئۆگىنىڭلار ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشنى.


سەن نۇسرەت ئاتا قىلماي ئەزدىڭ بىزنى، خارابىدە ياردەمچىسىز قالدۇردۇڭ خەلقىڭنى. گەرچە قايتمىغان بولسىمۇ سەندىن كۆڭلىمىز، چەتنىمىگەن بولسىمۇ يولۇڭدىن قەدەملىرىمىز.


بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.


توپتىن ئايرىلغان ئويلار ھامان ئۆزىنىلا، قارشى چىقار ئۇ ھەرقانداق دانالىققا.


دانالىققا ئېرىشىش ئالتۇنغا ئېرىشىشتىن كۆپ ئەۋزەلدۇر، ئەقىل-ئىدراكلىقنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن ئەلادۇر.


بولسىمۇ گەر شۇنچە كۆپ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار، پەرزلىرىڭدىن يۈز ئۆرۈمەسمەن زىنھار.


مەسخىرە قىلسىمۇ مېنى دا‏ئىم تەكەببۇرلار، لېكىن سېنىڭ تەلىملىرىڭدىن ئاغمىدىم زىنھار،


مەن ئۇنىڭ قەدىمىگە ئەگەشتىم، ئۇنىڭ يولىنى تۇتتۇم، ھېچ چەتنىمىدىم.


ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.


دانالىققا ئېرىشىشتۇر دانالىقنىڭ باشلىنىشى، ئەقىل تاپ، بېرىپ بولسىمۇ پۈتۈن بايلىقىڭنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite