Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 4:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 كىچىكىمدە ئالغانمەن ئاتامنىڭ تەربىيىسىنى، ئىدىم مەن ئانامنىڭ يالغۇز ئەتىۋارلىقى،

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 4:3
8 Referans Kwoze  

داۋۇت كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سېلىنىدىغان بۇ ئىبادەتخانا چوقۇم ھەيۋەتلىك، كۆركەم ۋە پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان بولسۇن. لېكىن ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ۋە تەجرىبىسىز، شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىغا كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ قوياي» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى تەييارلىدى.


ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، مەغرۇرلانماڭلار. ئەكسىچە، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ھەرگىز بىلەرمەن بولۇۋالماڭلار.


پادىشاھ داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ خۇدا تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ھەم تەجرىبىسىز، ئەمما قىلىدىغان ئىشى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. چۈنكى ئىبادەتخانا ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتىلىدۇ.


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مەلۇمكى، ھېچكىم ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە ئەمەس، ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى بەلگىلەشكە كىمنىڭ قۇربى يەتسۇن؟


داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: شىمئا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان. بۇ تۆت ئوغۇل ئاممىئېلنىڭ قىزى باتشەبادىن تۇغۇلغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite