2 چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىمەن ئىلىم-ھېكمەتنى، تەرك ئەتمەڭلار مېنىڭ تەلىملىرىمنى.
بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سەمىگە سالساڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئەگەشكەن ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھەقىقەت ۋە توغرا تەلىملەر بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىڭ ئايان بولىدۇ.
يۇمران چۆپنى ھۆل قىلغان، بېدىلەرنى سۇغارغان يامغۇر كەبى تۆكۈلسۇن تەلىملىرىم، شەبنەم كەبى چۈشسۇن سۆزلىرىم.
ئۇ ئۆزىگە ئۆگىتىلگەن ئىشەنچلىك تەلىمدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ بۇ توغرا تەلىم ئارقىلىق باشقىلارغا نەسىھەت قىلالايدۇ ھەم تەلىمگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتەلەيدۇ.
سۆزلىرىم پاك قەلبىمدىن چىقىدۇ، ئېغىزىم سەمىمىيەتنى سۆزلەيدۇ.
سەن ئۆزۈڭنى ئېتىقادلىق، خۇدا ئالدىدا پاك ئادەممەن دەپ قارامسەن؟
ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىساڭلار، مەن بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تەرك ئەتسەڭلار، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنساڭلار،
ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ.
يەر يۈزىدىن يوق قىلاي دەپ قالسىمۇ ئۇلار مېنى، ئەمما تەرك ئەتمىدىم يوليورۇقلىرىڭنى.
ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى.
بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز، ئوغۇل-قىزلىرىمىز، ئەجدادىمىز رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ بىزگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشلىرىغا بويسۇنۇپ كەلدۇق. بىز ئەزەلدىن شاراب ئىچىپ باقمىدۇق.