Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 4:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 چۈنكى ئۇخلىيالماس ئۇلار يامانلىق قىلمىغىچە، ئۇيقۇسى كەلمەس بىرەرسىنى يىقىتمىغىچە.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 4:16
13 Referans Kwoze  

رەزىل پىلان تۈزۈشەر ياتقاندىمۇ كېچىلىرى، ئاتقاندۇر گۇناھ يولىغا ئۆزلىرىنى، ھېچقاچان رەت قىلماس يامانلىقنى.


تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.


لېكىن، رەزىللەر خۇددى چايقىلىۋاتقان دېڭىزدەك تىنچىمايدۇ. تىنچىماي چايقىلىۋاتقان سۇلاردىن پاسكىنا نەرسىلەر ۋە لاتقىلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.


ئۇلارنىڭ قەلبى زىناخورلۇق ھەۋەسلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، توختىماستىن گۇناھ سادىر قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئاچكۆزلۈككە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ لەنىتىگە كەتكەنلەردۇر.


چۈنكى ئېتىشىدۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى يامانلىققا، ئالدىرىشىدۇ ھەم قان تۆكۈشكە.


تاڭ ئاتقاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىدىكى ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى جەم بولۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.


تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى.


ئۆزۈڭنى قاچۇر، ئۆتمە ھەم ئۇلارنىڭ يولىدىن، بۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كەتكىن ئۇلارغا يولىماستىن،


ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.


ھىيلە-مىكىر، زەھەر چىقار ئېغىزلىرىدىن، باش تارتىدۇ ئاقىلانە، ياخشى ئىشلاردىن.


يامانلىق قىلىشتىن خۇشاللىنار، رەزىللىكنىڭ نىجىسلىقىدىن شادلىنار،


ھەممە ئادەم دوست-بۇرادەرلىرىدىن پەخەس بولسۇن. ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ئىشەنمىسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئالداشنىڭ كويىدا ھەمدە دوستلارمۇ ئۆزئارا تۆھمەت قىلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite