13 ئالغان تەربىيىنى چىڭ تۇت، ئايرىلما، ئوبدان ساقلا ئۇنى، ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر چۈنكى.
شۇڭا، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
دانالىقنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر، دانالىقنى مەھكەم تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر.
بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.
بۇ سۆزلەر قۇرۇق گەپلەر ئەمەس، بەلكى ھاياتىڭلاردۇر. بۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىندا ئۇزۇن ياشالايسىلەر.
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرق ئېتىپ، خۇدادىن كەلگەن ۋەھىينى قوبۇل قىلىڭلار.
بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم جەم بولۇشۇپ ئەلچىلەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى ۋە دۇئا قىلىشاتتى.
سىمۇن پېترۇس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئى رەببىم، مەڭگۈ ھاياتلىق بېرىدىغان سۆزلەر پەقەت سىزدىلا تۇرسا! بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟
قېرىنداشلىرىمىز قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئەجدىھانى يەڭدى. ئۇلار ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۆز جېنىنى ئايىمىدى.
سېنىڭ شەيتاننىڭ تەختى ئورۇنلاشقان يەردە تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمغا سادىق بولۇپ كەلدىڭ. ھەتتا ئاراڭدىكى ئىشەنچلىك گۇۋاھچىم ئانتىپا مۇشۇ شەيتاننىڭ ماكانىدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭنى ئىنكار قىلمىدىڭ.
ئۇلاردىن ئايرىلىپلا تاپتىم ئاشىقىمنى. قويۇپ بەرمىدىم قۇچاقلاپ ئۇنى، تاكى ئەكىرمىگۈچە ئانامنىڭ ئۆيىگە _ ماڭا ھامىلىدار بولغۇچىنىڭ خانىسىگە.
دانالىق ئادەمنى خۇددى پۇل قوغدىغاندەك قوغدايدۇ. دانالىقنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ سەندە بولسا سېنىڭ ھاياتىڭنى ساقلايدۇ.
ئۇلار ھايات بەخش ئېتەر جېنىڭغا، بېزەك بولۇپ ئېسىلار بوينۇڭغا.
ئۇ كىشى: _ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى. _ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ.
ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى - خۇدانىڭ روھىدۇر. بۇ ئىش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم خۇدانىڭ روھىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق تەقدىم قىلىدۇ.
چۈنكى بۇيرۇق بولسا چىراغدۇر، تەلىم بولسا نۇردۇر، تەربىيىنىڭ ئۆزى ھايات يولىدۇر.
چۈنكى مېنى تاپقانلار ھاياتلىقنى تاپار. پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقىغا ئىگە بولار.
تەربىيىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاياتلىق يولىدىدۇر، تەنبىھنى رەت قىلغۇچى يولدىن ئازغان كىشىدۇر.