12 توسالغۇغا ئۇچرىمايسەن ماڭغىنىڭدا، پۇتلىشىپ كەتمەيسەن يۈگۈرگىنىڭدە.
شۇ چاغ يولۇڭدا يۈرىسەن تىنچ-ئامان، پۇتلىشىپ كەتمەيسەن ھېچقاچان.
بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى، تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى.
قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئوخشار رەزىللەرنىڭ يولى، بىلمەس ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە پۇتلىشىپ كېتىشىنى.
مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا دۇئا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئېقىنلارغا يېتەكلەيمەن. پۇتلاشمايدىغان تۈز يوللارغا باشلايمەن. چۈنكى مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسىمەن، ئەفرايىم مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.»
نەگىلا بارساڭ، يول باشلار ئۇ ساڭا، قوغدار سېنى ئۇخلىغىنىڭدا، مەسلىھەت بېرەر ساڭا ئويغانغىنىڭدا.
تەلىمىڭنى سۆيگەنلەرگە ئامانلىق بولار، ھېچ نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلماس ئۇلار.
مەن ئەركىن، بىخەتەرمەن ھەممە جايلاردا، چۈنكى ئىتائەت قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭغا.
شۇ چاغ ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى تونۇيسەن، بۇ ياخشى يوللارنى چۈشىنىسەن.