11 مەن ساڭا كۆرسەتتىم دانالىقنىڭ يولىنى، يېتەكلىدىم توغرا يولدا مېڭىشنى.
ھېكمەت ئىگىسى دانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىلىملىرىنى خەلققە ئۆگەتكۈچىدۇر. ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پەند-نەسىھەتلەرنى يېزىپ چىققان.
ئېنىقتۇر بارلىق سۆزلىرىم چۈشەنگەنلەرگە، توغرىدۇر ئۇلار بىلىم ئالغانلارغا.
قۇلاق سېلىڭلار، ئېيتماقچىمەن يۈكسەك ئىشلارنى، دۇرۇستۇر ئاغزىمدىن چىققانلىرى.
ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا، شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا.
مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار.
ئاتام ماڭا مۇنداق ئۆگەتكەنىدى: _ يۈرىكىڭدە ساقلىغىن سۆزلىرىمنى، ئەمەل قىلغىن بۇيرۇقلىرىمغا، ياشايسەن بەختلىك شۇندا.
ئۇنىڭغا: - ئەي شەيتاننىڭ ئوغلى! ھەممە ئادىللىقنىڭ دۈشمىنىسەن. قەلبىڭ ھەر خىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان. خۇدانىڭ توغرا يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟!
مەن ھەققانىيەت يولىدا ماڭىمەن، ئادالەت يولىدا ئىلگىرىلەيمەن.
سەن ماڭ ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن، چىقما ھەققانىيلارنىڭ يولىدىن.