Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 4:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەي ئوغۇللىرىم، ئاتاڭلارنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئەقىل-ئىدراك تېپىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 4:1
15 Referans Kwoze  

شۇڭا، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.


كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە.


ئەي ئوغلۇم، تەربىيىسىگە قۇلاق سال ئاتاڭنىڭ، تەلىمىگە بىپەرۋالىق قىلما ئاناڭنىڭ.


قۇلاق سال دانالارنىڭ سۆزلىرىگە، كۆڭۈل قوي مەن ئۆگەتكەن ئىلىم-ھېكمەتكە.


ئەي ئوغلۇم، ھېكمەتلىك سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويغىن، ئاقىلانە مەسلىھەتلىرىمگە قۇلاق سالغىن.


ئاڭلا نەسىھەتنى، قوبۇل قىل تەربىيىنى، شۇنداق قىلغىنىڭدا دانا بولىسەن ئاخىرى.


ئاچا-سىڭىل دەپ تونۇغىن دانالىقنى، ئۇرۇق-تۇغقان دەپ ئاتىغىن پاراسەتنى.


بۇ پەند-نەسىھەتلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىگە ئىگە قىلار سېنى، يېشەر ئىبرەتلىك سۆزلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى؛


بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز، ئوغۇل-قىزلىرىمىز، ئەجدادىمىز رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ بىزگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشلىرىغا بويسۇنۇپ كەلدۇق. بىز ئەزەلدىن شاراب ئىچىپ باقمىدۇق.


«ئەي ئوغۇللىرىم، ھەممىڭلار كېلىپ قۇلاق سېلىڭلار. ئاتاڭلار ئىسرائىلنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭلار.


دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار، مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھتىن ئۆزىنى تارتار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite