8 شۇنداق قىلساڭ، ساغلام بولار تېنىڭ، يىلىككە تولار سۆڭەكلىرىڭ.
چۈنكى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن بۇ سۆزلەر ھاياتلىقتۇر، ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىدۇر.
كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ، شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ.
ئۇلارنىڭ قۇۋۋىتى تولۇق، سۆڭەكلىرى بەردەم بولىدۇ.
يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر، جانغا راھەت، تەنگە شىپادۇر.
بېشىدىن ئايىغىغىچە بىرمۇ ساق يېرى يوق، ھەممە يەر يارا، كۆك ئىزلىرى ۋە قان ئېقىپ تۇرغان جاراھەت، ئۇلار نە تازىلانمىغان، نە تېڭىلمىغان، نە مەلھەم سۈرتۈلمىگەن.
سىلەر بۇلارنى كۆرۈپلا قەلبىڭلاردىن شادلىنىسىلەر، ئۇستىخىنىڭلار خۇددى ئوت-چۆپلەردەك ياشىرىدۇ، پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئايان قىلىدۇ، لېكىن ئۇ دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ.