21 ئەي ئوغلۇم، چىڭ تۇت دانالىق ۋە پەم-پاراسەتنى، كۆز ئالدىڭدىن ھەرگىز يوقاتما ئۇلارنى.
قانۇنلىرىم ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز قانۇنلىرىم ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
ئۇلارنى كۆز ئالدىڭدىن يوقاتما، قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلا.
لېكىن ھوشيار بولۇڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار! ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىڭلارغا ئېيتىپ بېرىڭلار.
سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: - ئەگەر مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرسەڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرىم بولىسىلەر.
ئۇ ساقلاپ قويغاندۇر ياخشىلىقلارنى دۇرۇسلارغا، ئۆزى قالقاندۇر دىيانەت يولىدا ماڭغانلارغا.
بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىمنى داۋاملىق قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ داۋاملىق ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتقان بولىسىلەر.
چېچەن قىلار گول ئادەملەرنى، بىلىملىك ۋە پەم-پاراسەتلىك قىلار ياشلارنى.
شۇندا ئايرىلماس ئەقىل-ئىدراك سەندىن، دۇرۇس سۆزلەر تۆكۈلەر لەۋلىرىڭدىن.
ئىگىسىمەن نەسىھەت ۋە ھېكمەتنىڭ، ئەقىل ھەم كۈچ-قۇدرەتنىڭ.
توپتىن ئايرىلغان ئويلار ھامان ئۆزىنىلا، قارشى چىقار ئۇ ھەرقانداق دانالىققا.
دانالىقتىن ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى قوغدار، ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى مۇھاپىزەت قىلار.
دانالىققا ئېرىشىش ئۆزىنى سۆيگەنلىكتۇر، ئەقىل-ئىدراكلىق بولۇش بەخت تاپقانلىقتۇر.