2 ئۆمۈر قوشار ئۇلار ئۆمرۈڭگە، ئامان-ئېسەنلىك ئېلىپ كېلەر ھاياتىڭغا.
سۆزلىرىمنى ئاڭلا، قوبۇل قىل، ئەي ئوغلۇم، شۇندا ئۇزۇن بولار ئۆمرۈڭ.
ماڭا ئەگەشسەڭ، ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولار. يېشىڭغا ياش قوشۇلار.
ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىپ، مەمنۇن قىلىمەن ئۇنى، بېرىمەن ئۇنىڭغا نىجاتلىقىمنى.»
ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.
ئۆمرۈڭ يەتكەي بالاڭنىڭ بالىلىرىغا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.
تەلىمىڭنى سۆيگەنلەرگە ئامانلىق بولار، ھېچ نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلماس ئۇلار.
ئۇزارتار پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى، قىسقا بولار يامانلارنىڭ ئۆمرى.
بەدەننى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.
شۇڭا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولدۇق.
ئۆمۈر بەردىڭ ئۆمۈر تىلىسە، ھاياتىنى ئۇزارتتىڭ مەڭگۈگە.
چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر.
ھەققانىيەتنىڭ نەتىجىسى تىنچلىق بولىدۇ، ئۇ مەڭگۈ خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ.
سەن چوقۇم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ۋاقتى كەلگەندە خۇددى پىشقان بۇغدايدەك ئورىلىسەن.
شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ۋە پەرزەنتلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىلەر. ئاسمان زېمىن ئۈستىدە قانچىلىك ئۇزۇن مەۋجۇت بولسا، سىلەرمۇ ئۇ زېمىندا شۇنچىلىك ئۇزۇن ياشايسىلەر.
ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئىجرا قىلساڭ، مەن ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.
ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ ھۆرمەت تاجىدۇر.
شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتمەڭلار.
ئاتام ماڭا مۇنداق ئۆگەتكەنىدى: _ يۈرىكىڭدە ساقلىغىن سۆزلىرىمنى، ئەمەل قىلغىن بۇيرۇقلىرىمغا، ياشايسەن بەختلىك شۇندا.