7 كارغا كەلمىگەندەك پۇتلىرى توكۇرنىڭ، كارغا كەلمەس ئاغزىدىكى پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ.
پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ ئاغزىدىكى، گويا مەست شىلتىۋاتقان تىكەنلىك شاخ كەبى.
ناتىقلىق ئەخمەققە ياراشماس، يالغان سۆز مۆتىۋەرگە ھېچ قاملاشماس.
تىللىرىدىن ئىلىنىپ گۇمران بۇلار، ئۇلارنى كۆرگەنلەر مەسخىرە قىلار.
ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: - سىلەر چوقۇم ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى ئەسلىتىپ، «كەپەرناھۇم شەھىرىدە ياراتقان مۆجىزىلىرىڭدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ بىرەر كارامەت كۆرسەتمەمسەن؟» دېمەكچى بولۇۋاتىسىلەر.
ئەخمەقتىن خەۋەر يوللىغان كىشى، گويا ئۆز پۇتىنى ئۆزى چاپقان، زەھەر يۇتقان كەبى.
ئىززەت-ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئەخمەققە، ئوخشار سالغىغا تاشنى باغلاپ قويغانغا.