Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 26:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 جاۋاپ قايتۇرما ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا، ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىسەن بولمىسا.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 26:4
14 Referans Kwoze  

جاۋاپ قايتۇر ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا، ئۇ ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ قالار بولمىسا.


يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس؛ ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى باشقىلارغا بەخت تىلەشكە چاقىردى. بۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرنىمۇ بەختلىك قىلىدۇ.


بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: _ ئاتام سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى ئېغىرلاتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى.


توسمىدىكى سۇ تاشقاندەكتۇر جېدەلنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا جېدەل ئەۋجىگە چىقىشتىن ئاۋۋال توختات ئۇنى.


شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: _ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.


ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا شەيتان بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «سېنى پەرۋەردىگار ئەيىبلىسۇن» دەپلا قويغان.


خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى.


- ئىتقا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ياكى توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاشلاپ قويماڭلار. چۈنكى، ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ؛ توڭگۇز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ يانجىيدۇ.


ئەخمەققە سۆزلەپ ئاۋارە قىلما ئۆزۈڭنى، چۈنكى كۆزگە ئىلماس ئۇ ئاقىلانە سۆزلىرىڭنى.


ئاقىل ئەخمەق بىلەن دەۋاغا چۈشكىنىدە، تىنچلىق بولماس، ئەخمەق ھۈرپىيىپ قىلار مەسخىرە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite