3 ياراشقاندەك قامچا ئاتقا، نوختا ئېشەككە، يارىشار دەررە ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە.
ئاقىلنىڭ لەۋلىرىدىن دانالىق تامار، ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە دەررە تەييار تۇرار.
سىلەرگە تاياق ئېلىپ بارايمۇ ياكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىقمۇ؟ قايسىسىنى خالايسىلەر؟
ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما، قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا.
يېنىڭلارغا ئىككىنچى قېتىم بارغىنىمدا، بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرغانىدىم. ھازىر يېنىڭلاردا بولمىساممۇ، يەنە ئاگاھلاندۇرماقچىمەنكى، ئەمدى بارغىنىمدا، بارلىق گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا كەڭچىلىك قىلمايمەن.
سىلەر ئەيسا مەسىھكە تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى ھەر خىل ئىتائەتسىزلىكتە تۇرۇۋالغۇچىلارنى جازالاشقا تەييارمىز.
سوقساڭمۇ بۇغداي سوققاندەك ئەخمەقنى، ئايرىلماس يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەخمەقلىقى.
تەيياردۇر مازاق قىلغۇچىلارغا جازا، ھاماقەتلەرنىڭ دۈمبىسىگە قامچا.
مازاقچىنى ئۇر، ساددا ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالار، ئەقىللىققا تۈزىتىش تەربىيىسى بەر، ئۇ ئۆگىنىۋالار.
بېرىلگەن بىر ئېغىز تەنبىھ داناغا، ئۈنۈملۈك بولار ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن نادانغا.