Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 26:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 كۆردۈڭمۇ ئۆزىنى ئاقىل چاغلىغان كىشىنى؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتكەن ياخشى.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 26:12
17 Referans Kwoze  

كۆرگەنمۇ ئويلىماي سۆزلەيدىغان كىشىنى؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتكەن ياخشى.


ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، مەغرۇرلانماڭلار. ئەكسىچە، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ھەرگىز بىلەرمەن بولۇۋالماڭلار.


دانادۇر باي ئۆز نەزىرىدە، ئاياندۇر ئۇنىڭ قانداقلىقى زېرەك كەمبەغەلگە.


بايمەن، باياشاتلىقتا ياشاۋاتىمەن، ھېچ نەرسىگە ھاجەت ئەمەسمەن دەيسەن. لېكىن، بىچارە، ئېچىنىشلىق، نامرات، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيسەن.


بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇندىغان بولىدۇ؟ - چوڭ ئوغلى، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنساپسىز باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرىدۇ.


جاۋاپ قايتۇر ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا، ئۇ ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ قالار بولمىسا.


پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر.


ئاندىن، ئۇ ھېلىقى ئايالنى كۆرسىتىپ، شىمونغا: - بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۆيۈڭگە كەلگىنىمدە، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى، چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى.


ھۇرۇن ئۆزىنى شۇنداق چاغلار، ھەتتا ئاقىلانە جاۋاب بېرىدىغان يەتتە كىشىدىنمۇ ئاقىل سانار.


كۆرگەنسەن ئىشىغا ماھىر ئۇستىنى؟ ئۇ پۇقرانىڭ ئەمەس، پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدىدۇر.


ئۆزۈڭنى ئەقىللىق دەپ سانىما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىققا يولىما.


- كور بولغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمىغان بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - لېكىن ھازىر، «كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن گۇناھكارسىلەر.


ئەخمەقنىڭ يولى ئۆز نەزىرىدە توغرىدۇر، نەسىھەتكە قۇلاق سالغۇچى دانادۇر.


ئەخمەقتۇر ئۆز ئەقلىگە ئىشەنگەن، ئامان قالار دانالىق بىلەن ئىش تۇتقان.


ئۆزىنى دانا دەپ بىلگەنلەرنىڭ، ئۆزىنى زېرەك ھېسابلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite