8 يامانلىق پىلانلىغان ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلۇر.
يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئۇلار ساڭا، ئويلاپ چىقسىمۇ ھەم ھىيلە-مىكىر، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالماس پەقەتلا.
ئۇلار تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، زوراۋانلىق قىلىدىغان، تەكەببۇر، ماختانچاق، ھەر خىل ئەسكىلىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان،
بەرھەق، يامان نىيەتلىك يولدىن ئادىشار، ياخشى نىيەتلىك مۇھەببەت ۋە سادىقلىقنى تاپار.
سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىققا يۈگۈرىدىغان پۇت،
قارا نىيىتى بىلەن يامانلىق پىلانلايدۇ، ھەمىشە جېدەل-ماجىرا تېرىدۇ.
ئاراڭلاردىن رەزىللىك بىلەن سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرغان ۋە پەرۋەردىگارغا قارشى يامان غەرەزدە بولغان بىرى چىقتى.
مەككارلارنىڭ ئۇسۇللىرى رەزىلدۇر. يوقسۇللارنىڭ تەلەپلىرى توغرا بولسىمۇ، ئۇلار ھىيلە-مىكىرلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، يوقسۇللارنى يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.
ئەخمەقلىق بىلەن تۈزۈلگەن پىلان گۇناھتۇر، ئادەم ئۈچۈن مازاقچى يىرگىنچلىكتۇر.
ئۇلار كۆڭلىدە زوراۋانلىقنى ئويلار، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن شۇملۇق ياغار.
پادىشاھ شىمئىغا يەنە: _ ئاتام داۋۇتقا قىلغان يامانلىقىڭ ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلىگە ئايان. شۇڭا پەرۋەردىگار سېنىڭ قىلغان يامانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرىدۇ.