Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 24:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 تولدۇرار بىلىم ئۆينىڭ خانىلىرىنى، ھەرخىل قىممەتلىك ئېسىل بايلىقلار بىلەن.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 24:4
16 Referans Kwoze  

ئاقىلنىڭ ئۆيىدە ئارزۇلۇق بايلىق، نازۇنېمەتلەر، ئەخمەقلەر بار دۇنياسىنى بۇزۇپ-چاچار.


ئۆيىدە مول بايلىق بولار ھەققانىينىڭ، بالا-قازا ئېلىپ كېلەر تاپقىنى ياماننىڭ.


ئالتۇنمۇ بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر، بىراق دانا سۆز بولسا تېپىلغۇسىز گۆھەردۇر!


مېنى سۆيگەنلەرگە بايلىق بېرىمەن، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن كونىنىلا ئەمەس، بەلكى يېڭى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىققان خوجايىنغا ئوخشايدۇ.


لاۋىيلار ۋە باشقا ئىسرائىللار ھەدىيە قىلىنغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنى ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىنىدىغان ۋە نۆۋەتچى روھانىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ھەم مۇناجاتچىلىرى تۇرىدىغان ئىبادەتخانا ئۆيلىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. بىز نەزىرىمىزنى ئىبادەتخانىدىن نېرى قىلمايمىز.»


ئاقىل كۈچلۈكتىن قۇدرەتلىك بولار، بىلىملىك ئادەم ئۆز قۇدرىتىنى ئاشۇرار.


قىيا تاشلاردىن تونېل ئېچىپ، خەزىنىلەرنى تېپىپ چىقىدۇ.


مەندە باردۇر بايلىق ۋە شۆھرەت، تۈگىمەس مال-دۇنيا ۋە ھەققانىيەت.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite