Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 24:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇلار كۆڭلىدە زوراۋانلىقنى ئويلار، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن شۇملۇق ياغار.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 24:2
21 Referans Kwoze  

ھىيلە، لەنەت ۋە زورلۇق تولغاندۇر ئېغىزلىرىغا، يامانلىق ۋە زەھەر چاچار تىللىرىدا.


رەزىل كىشى گۇناھقا ھامىلدار بولار، قورسىقى ئاچچىق زەھەرگە تولار، تۇغقان بالىسى يالغانچى بولار.


يامانلىق قىلغۇچىلار، رەزىللەر قاتارىغا، چۈشۈرۈپ قويمىغىن مېنى ئەسلا، دوستانە بولسىمۇ ئۇلار قوشنىلىرىغا، يامانلىق ئويلار دىللىرىدا.


ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ، ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ، ئەكسىچە ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ، يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ.


ئۇلارنىڭ ھامىلىدار بولغىنى يامانلىق، تۇغقىنى گۇناھتۇر، قورسىقىدا تەييارلىغىنى ھىيلە-مىكىردۇر.»


ئۇنىڭغا: - ئەي شەيتاننىڭ ئوغلى! ھەممە ئادىللىقنىڭ دۈشمىنىسەن. قەلبىڭ ھەر خىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان. خۇدانىڭ توغرا يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟!


داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەبىياتارغا: _ روھانىيلىق پەرتۇقىنى ئەكەلگىن، _ دېدى.


ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.


قارا نىيىتى بىلەن يامانلىق پىلانلايدۇ، ھەمىشە جېدەل-ماجىرا تېرىدۇ.


يامانلىق ئويلايدۇ ئۇلار كۆڭۈللىرىدە، جېدەل-ماجىرا چىقىرار ھەربىر كۈندە.


رەزىل پىلان تۈزۈشەر ياتقاندىمۇ كېچىلىرى، ئاتقاندۇر گۇناھ يولىغا ئۆزلىرىنى، ھېچقاچان رەت قىلماس يامانلىقنى.


يامانلىق پىلانلىغان ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلۇر.


تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار. ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار.


سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىققا يۈگۈرىدىغان پۇت،


شۇڭا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر زۇلۇمغا ۋە ئالدامچىلىققا تاياندىڭلار.


ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»


ئەي ئوغلۇم، ئەگەر سېنى گۇناھكارلار ئازدۇرسا، ئەگەشمىگىن ئۇلارغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite