Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 24:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يامانلارغا ھەسەت قىلما، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلما.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 24:1
16 Referans Kwoze  

سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن، ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن.


زوراۋانغا ھەسەت قىلما، ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىما.


گۇناھكارلارغا ھەسەت قىلما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەن دائىما.


دانالار بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار، ھاماقەتلەرگە ھەمراھ بولغان زىيانغا ئۇچرار.


رەزىللەردىن كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلما، يامانلارغا ئىچىڭدىن ھەسەت قىلما.


كۆڭلۈڭ بىسەرەمجان بولمىسۇن رەزىللەردىن، يۈرىكىڭ ئېچىشمىسۇن ھەسەت قىلىپ يامانلاردىن.


گۇناھكارلار قاتارى ئالمىغىن جېنىمنى، قانخورلار قاتارى ھاياتىمنى.


نەقەدەر بەختلىك ھە! يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى، مەسخىرىچىلەر ئارىسىدا يۈرمىگۈچى.


كىرمە رەزىللەرنىڭ يولىغا، يۈرمە يامانلارنىڭ ئىزىدا.


ئۆزۈڭنى قاچۇر، ئۆتمە ھەم ئۇلارنىڭ يولىدىن، بۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كەتكىن ئۇلارغا يولىماستىن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite