5 كۆزۈڭ بايلىققا چۈشكەندە ئۇ يوقىلار، چۈنكى ئۇ بىردىنلا قانات چىقىرپ، بۈركۈتتەك ئۇچۇپ كېتەر.
چۈنكى بايلىق مەڭگۈلۈك بولماس، قالماس تاجمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس.
چۈنكى، بۇ دۇنيادىكى ئىشلار، يەنى جىسمانىي ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك ۋە مەغرۇرلۇققا ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن كەلگەن ئەمەس.
بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن.
- يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار. چۈنكى، بۇ يەردە يا كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ، يا داتلىشىپ تۈگەيدۇ ياكى ئوغرى ئوغرىلاپ كېتىدۇ.
«بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.
ياقۇپ ئۇلارغا: _ سىلەر بىر-بىرلەپ مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن جۇدا قىلماقچىمۇسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ يوق بولدى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدۇ؟ _ دېدى.
ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»
«بىھۇدىدۇر، بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى.
سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.
نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.
ئۇلار بۈگۈن ئاخشام ئۇخلىغاندا باي بولسا، ئەتىسى كۆزىنى ئاچقاندا نامراتتۇر!
_ يەرەمىيانى تېپىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلما، بەلكى نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنى قىلىپ بەر.