2 ئەگەر نەپسىڭ يامان بولسا، ئۆزۈڭنى تارت پىچاق قادالغاندەك بوغۇزۇڭغا.
بۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر. ئۇلارنىڭ ماختىنىدىغىنى نومۇسسىز ئىشلاردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايدۇ.
خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئالدىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، تېنىمنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا قاتتىق كۆندۈرۈپ، ئۆزۈمنى تىزگىنلەۋاتىمەن.
ھۆكۈمدار بىلەن ھەمداستىخان بولغاندا، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە ساقلا.
بولما ھاراقكەشلەرنىڭ ئارىسىدا، ئارىلاشما گۆشكە تويماسلارغا.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئوغلاقلارنى ئانىسىغا ئەكېلىپ بەردى. ئانىسى رىبەقا تاماقنى ئاتىسى ئىسھاق ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇردى.