Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




پەند-نەسىھەتلەر 22:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەن، تۇزاقلار ياتار، ھاياتىنى ئەزىزلىگەن كىشى ئۇلاردىن يىراق تۇرار.

Gade chapit la Kopi




پەند-نەسىھەتلەر 22:5
15 Referans Kwoze  

ھۇرۇننىڭ يولى گويا تىكەنلىك چاتقاللىقتۇر، دۇرۇسنىڭ يولى بولسا داغدام يولدۇر.


خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشىنىڭ گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ. شۇڭا، شەيتانمۇ ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ.


توغرا ئادەمنىڭ داغدام يولى يامانلىقتىن يىراقتۇر، يولىغا ئېھتىيات قىلىشنىڭ ئۆزى جېنىنى ساقلاپ قېلىشتۇر.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىغا ئەمەل قىلغان جېنىنى ساقلاپ قالار، ئۇنىڭ يولىنى كەمسىتكەن ئادەم ھالاك بولار.


ئەقىل-ئىدراك ھىممەت تاپقۇزار، خائىننىڭ يولى مۇشەققەتلىك بولار.


ئۇ ئۆزى قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىنىدۇ.


ئاغزى چىڭ جېنىنى ساقلاپ قالار، ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە يۈز تۇتار.


كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.


قىزىق شامال، ئوت، گۈڭگۈرت، چوغلار، يامانلارنىڭ ھاياتىغا نېسىۋە بولار.


بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ يات خەلقلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شۇنداقلا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندا تاكى ھالاك بولمىغۇچە، ئۇلار سىلەرگە تۇزاق، قاپقان ياكى دۈمبەڭلارغا ئۇرۇلغان قامچا، كۆزۈڭلارغا قادالغان تىكەن بولىدۇ.


ئەيمەنسە كىمكى كەمتەرلىك بىلەن پەرۋەردىگاردىن، بەھرىمەن بولۇر ئۇ باياشاتلىق، ھۆرمەت ۋە ھەقىقىي ھاياتلىقتىن.


ئۆزىگە تۇزاق قۇرار ياماننىڭ گۇناھى، ناخشا ئېيتىپ شادلىنار ھەققانىي.


قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئوخشار رەزىللەرنىڭ يولى، بىلمەس ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە پۇتلىشىپ كېتىشىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite