4 ئەيمەنسە كىمكى كەمتەرلىك بىلەن پەرۋەردىگاردىن، بەھرىمەن بولۇر ئۇ باياشاتلىق، ھۆرمەت ۋە ھەقىقىي ھاياتلىقتىن.
شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.
خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ چاغدا، خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
ھەققانىيەت ۋە سادىقلىقنى ئىزدىگەنلەر، چىن ھاياتلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشەر.
ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.
باردۇر ئۇزۇن ئۆمۈر دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا، بايلىق ۋە شۆھرەت ئۇنىڭ سول قولىدا.
يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە» دەپ يېزىلغىنىدەكتۇر.
ئۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارغا مۇقىم خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ بىخەتەرلىك، دانالىق ۋە بىلىم مەنبەيىڭلاردۇر. پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك سىلەرنىڭ بايلىقىڭلاردۇر.
بەدەننى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.
ئاقىلنىڭ ئۆيىدە ئارزۇلۇق بايلىق، نازۇنېمەتلەر، ئەخمەقلەر بار دۇنياسىنى بۇزۇپ-چاچار.
زېرەك خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.
ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەن، تۇزاقلار ياتار، ھاياتىنى ئەزىزلىگەن كىشى ئۇلاردىن يىراق تۇرار.
كىشىنى پەس قىلار مەغرۇرلۇق، ھۆرمەتكە ئېرشتۈرەر كەمتەرلىك.
ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال، ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال.
كاللام سەگەكلەشكەندىن كېيىن، شان-شەرىپىم، پادىشاھلىقىم ئەسلىگە كەلدى. مەسلىھەتچىلىرىم ۋە ئەمەلدارلىرىم مېنى ئىزدەپ كېلىشتى. مەن قايتىدىن پادىشاھ بولۇپ، شۆھرىتىم بۇرۇنقىدىنمۇ ئاشتى.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئېرىشتۈرەر كىشىنى ھەقىقىي ھاياتلىققا، ئۇ قانائەتلىك ياشاپ، ئۇچرىماس بالا-قازاغا.