2 گاداي بىلەن باينىڭ ئورتاقلىقى شۇكى: پەرۋەردىگار ياراتقۇچىدۇر ھەر ئىككىلىسىنى.
مېنى ياراتقان خۇدا ئۇلارنىمۇ ياراتمىدىمۇ؟ ئۇ بىزنى ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا ئاپىرىدە قىلمىدىمۇ؟
كەمبەغەلنى ئەزگەنلىك ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكتۇر، ھاجەتمەنگە شاپائەت قىلغانلىق ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر.
نامرات قىلغۇچىمۇ، باي قىلغۇچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر. خار قىلغۇچى ھەم ئەزىز قىلغۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.
گاداي ۋە ئۇنى ئەزگۈچىنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى، پەرۋەردىگاردۇر ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزىگە نۇر بەرگۈچى.
ئۇ ھۆكۈمرانلارغا يان باسمايدۇ، باينى كەمبەغەلدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىدە قىلغاندۇر.
شۇڭا، كۆز قولغا: «ساڭا ئېھتىياجىم يوق» دېيەلمەيدۇ. ياكى باش پۇتقا: «سىلەرگە ئېھتىياجىم يوق!» دېيەلمەيدۇ.